كۆرۈنۈش ھالىتى: نورمال | قاتار

بىلىم بلوگى Wordpress غا كۆچۈۋاتىدۇ...

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوسلا! ئۇزۇن بولدى بلوگىمنى يېڭىلىيالمىدىم. بۈگۈندىن باشلاپ بلوگىمنى Wordpress غا ئالماشتۇرۇپ سىناقنى باشلىدىم. كونا PJ بىلوگدىكى 495 يازما ئۆز پېتى كۆچۈرۈپ كىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە ۋاقتى ئۆتكەن، پايدىلىنىش قىممىتى يوق دەپ قارىغان يازمىلىرىمنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، قېپقالغانلىرىنى پەدازلاپ بولغاندىن كىيىن رەسمىي تور نامغا ئۇلايمەن. ھازىرقى ۋاقىتلىق ئادرېسى: http://wp.bilim.cc  بلوگ ۋە مەزمۇنلىرى توغرىسىدا تەكلىپ-پىكىرلىرىڭلا بولسا ئايىماي بىرىشىڭلانى ئۈمىد قىلىمەن!

ھەممىسى...

تۈرى: خەۋەرلەر | مۇقىم ئۇلىنىش | باھا: 2 | نەقىل: 0 | كۆرۈلىشى: 877
    ياپونىيەدە 9 بال قاتتىق يەر تەۋرىگەنگىمۇ بەش كۈن بولۇپ قالدى. Google ياپونىيەدە يەر تەۋرەپ دېڭىز تاشقىنى كىلىشتىن ئىلگىركى ۋە كىيىنكى سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتىنى ئېلان قىلدى. بالايىئاپەت ھەقىقەتەنمۇ رەھىمسىز!!!


تېخىمۇ كۆپ ئېنىق سۈرەتلەر:
http://news.163.com/photoview/4JC70001/13552.html
http://news.mydrivers.com/1/188/188391.htm

ھەممىسى...

خەتكۈچ: ياپونىيە تاشقىن

تۈرى: خەۋەرلەر | مۇقىم ئۇلىنىش | باھا: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلىشى: 1261
    دۈشەنبە كۈنى مىكروسوفت SXSW يېغىنىدا، 39 خىل تىل نەشىرىدىكى IE9 نىڭ رەسمىي نۇسخىسىنىڭ تارقىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. IE9 سىناش مەزگىلىدە چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغان تور كۆرگۈ بولۇپ، 40 مىلىيون قېتىم چۈشۈرۈلگەن.  Internet Explorer 9

ھەممىسى...

خەتكۈچ: InternetExplorer9 IE9

تۈرى: چۈشۈرۈش | مۇقىم ئۇلىنىش | باھا: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلىشى: 1113

UCWeb7.6 for Android

    ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان يانفون تور كۆرگۈسى. يېڭى نەشىرىدە قوزغىلىش سۈرئىتى %55، تور بەت ئېچىش سۈرئىتى %38 يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. ئېكران سۈرۈش تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇلغان، تۆۋەن سەپلىمىلىك يانفونلارغا نىسبەتەن تېزىملىك ۋە كۆپ ئېكران ھەركەتلىك ئۈنۈمى ئەلالاشتۇرۇلغان. تور بەتتىكى كىرگۈزۈش رامكىسى ۋە كونۇپكىلار يېڭىغا ئالماشتۇرۇلغان. RTSP قوللايدۇ، توردىكى سىنلارنى بىۋاستە قويۇشقا بولىدۇ. تور بەتلەردىكى تېلفون نومۇرلىرىنى تونۇش ۋە تېلفون ئۇرۇش ئىقتىدارى قوشۇلغان. چۈشۈرگۈچنىڭ چۈشۈرۈش سۈرئىتى تىزلەشتۈرۈلگەن. تور بەتتىن ئۆزىڭىزنىڭ يانفون ئېكرانىغا ماس كىلىدىغىنىنى چۈشۈرۈڭ. http://www.uc.cn  تۆۋەندىكىسى ئېكرانى كىچىكرەك يانفونلارغا ماس كېلىدىغىنى.
http://wap.uc.cn/ucpack/filepack/999/139/UCWEB-7.6.0.75-999-139-11030919.apk

ھەممىسى...

خەتكۈچ: UCWeb Android

تۈرى: چۈشۈرۈش | مۇقىم ئۇلىنىش | باھا: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلىشى: 961

iOS 4.3.1 پات ئارىدا تارقىتىلىدۇ

    ئالما شېركىتى iOS 4.3 نى ئېلان قىلغانغا تېخى ئۇزۇن بولمىغان ئىدى، بىراق داڭلىق خاكېر Charlie Miller نىڭ Pwn2Own خاكېر مۇسابىقىسىدىكى ئالاھىدە ئىپادىسى iOS تىكى Safari غا بىر يوچۇقنى قالدۇردى. شۇ سەۋەبلىك ئالما شېركىتى نائىلاج بۇ داڭلىق خاكېر بايقىغان يوچۇقنى ياماش خىزمىتىنى دائىملىق ئىشلار قاتارىغا كىرگۈزدى. شۇ سەۋەبلىك بىز ئۇزۇنغا بارمايلا iOS4.3.1 نى كۆرەلەيمىز. تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خاكېر ئەترىتىمۇ iOS4.3.1 چىقىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەممىسى...

خەتكۈچ: iOS4.3.1 iOS

تۈرى: خەۋەرلەر | مۇقىم ئۇلىنىش | باھا: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلىشى: 971
    تۈنۈگۈن سائەت 11 دىن 46 مىنۇت ئۆتكەندە، ياپونىيەنىڭ شەرقىدىكى دېڭىزدا 8.8 بال كۈچلۈك يەر تەۋرىدى. گەرچە شۇنچە كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، بىراق كۈچلۈك يەر تەۋرەش سەۋەبلىك پەيدا بولغان دېڭىز تاشقىنى، ئوت ئاپىتى، يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىدىكى يادرو ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى قاتارلىق بىر قاتار ئىككىلەمچى ھادىسىلەر ياپونىيە خەلقىگە زور بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. دېڭىز تاشقىنى سەۋەبلىك نۇرغۇن يەرلەر سۇ ئاستىدا قالدى، نۇرغۇن كېمە، ئۆي، ماشىنىلارنى سۇ ئېقىتىپ كەتتى. يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىلىرى ۋەيران بولدى، ھەتتا يادرو ئېقىپ كېتىپ تېخىمۇ چوڭ خەتەرنى پەيدا قىلدى. 1500 گە يېقىن كۆچمە ئالاقە مۇنارى ۋەيران بولدى، دېڭىز ئاستىدىكى خەلقئارالىق ئالاقە نۇر كابىلى ئۈزۈلۈپ كېتىپ نۇرغۇن جايلاردىكى ئالاقە پالەچ ھالغا كېلىپ قالدى. تويوتا، خوندا قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق شېركەتلەر يەر تەۋرەش ئاپىتى سەۋەبلىك ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتتى. چەتئەلنىڭ نۇرغۇن شېركەتلىرىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىدى. نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر ئاۋياماتكا ئەۋەتىپ قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى. يەنە 50 دىن ئارتۇق دۆلەت ياپونىيەگە ياردەم قىلىش تەكلىپىنى ئەۋەتتى. ياپونىيەدىكى بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش 1900-يىلدىن بۇيانقى 5-كۈچلۈك يەر تەۋرەش ھېسابلىنىدۇ. پېقىر كۈندە مۇشۇ توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىپ تۇرۇۋاتىمەن.
    ئەمما بۈگۈن ئىلگىرى ئاڭلاپمۇ باقمىغان بىر خەۋەرنى بۈگۈن ئاڭلىدىم (ئىلگىرى ھەقىقەتەن ئاڭلاپ باقمىغان). ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ يەرشارى فىزىكا ئالىمى Richard Gross نىڭ ھېسابلىشىچە، ياپونىيەدە 8.8 بال كۈچلۈك يەر تەۋرىگەنلىك سەۋەبىدىن، يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى 1.6 مىكرو سىكونت تىزلىشىپ كەتكەن. بىر مىكرو سىكونت بىر مىلىيون دىن بىر سىكونتقا تەڭ(1µs=1/1000000s). بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشنىڭ يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشىنى تىزلەشتۈرۋېتىشى، ئۆتكەن يىلى چىلىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش كەلتۈرۈپ چىقارغان يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشىنى تىزلەشتۈرۈۋېتىشىدىنمۇ چوڭ بولغان. 2004-يىلى سۇماترادىكى يەر تەۋرەش يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشىنى 6.8 مىكرو سىكونت تىزلەشتۈرۋەتكەن.

ھەممىسى...

خەتكۈچ: ياپونىيە

تۈرى: خەۋەرلەر | مۇقىم ئۇلىنىش | باھا: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلىشى: 997
    داڭلىق بلوگ بېكىتى WordPress بۇ ئىككى كۈندە ئۇدا ئىككى قېتىم DDos (مۇلازىمەتنى رەت قىلىش تىپىدىكى ھوجۇم) غا ئۇچراپ، WordPress نىڭ نورمال ئىجرا بولۇشىغا تەسىر يېتىپلا قالماي، يەنە ئۈچ سانلىق مەلۇمات مەركىزى ۋە 18 مىلىيون ھاۋالە بىلەن باشقۇرۇۋاتقان VIP بلوگ مۇلازىمىتىنىمۇ تەسىرگە ئۇچرىدىغان. بۇنىڭ ئىچىدە Financial Post ۋە TechCrunch قاتارلىق داڭلىق بېكەتلەرمۇ بار. بۇ قېتىملىق ھوجۇم نەچچە مىڭ كومپىيۇتېر ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان موردا تورنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، سېكونتلۇق ئېقىم مىقدارى نەچچە گىگابايتقا، سېكونتلۇق سانلىق مەلۇمات بوغچىسى نەچچە ئون مىلىيونغا يەتكەن. WordPress ھوجۇمنىڭ باشقا تەپسىلاتىنى ئاشكارلىمىغان.

ھەممىسى...

خەتكۈچ: DDoS WordPress

تۈرى: خەۋەرلەر | مۇقىم ئۇلىنىش | باھا: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلىشى: 1129
    2003-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى Microsoft شېركىتى IE6 گە قارىتىلغان بارلىق تېخنىكىلىق قوللاش ۋە مۇلازىمەتنى توختاتقانىدى. ئۆتكەن يىلىنىڭ دەل مۇشۇ كۈنى مىكروسوفت ھەتتا IE6 نى دەپنە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، تور ئەھلىنىڭ تىزراق IE6 دىن ئادا-جۇدا بولۇشى ئۈچۈن تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. گەرچە مىكروسوفت شېركىتى بارلىق تەشۋىقات ئۇسۇللىرىنى دىگۈدەك قوللىنىپ بولغان بولسىمۇ، بىراق IE6 يەنىلا دۇنيادىكى قوللانچىلار ئەڭ كۆپ بولغان بىر تور كۆرگۈ بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇنداقتا زادى كىم IE6 نى قوغداپ تۇرۇۋاتقاندۇ؟ بۈگۈن مىكروسوفت يەنە بىر تور بېكىتى ئېلان قىلىپ (http://www.ie6countdown.com/) تور ئەھلىنى IE6 دىن خوشلىشىشقا يەنە بىر قېتىم ئىلھاملاندۇردى.
    مىكروسوفت Net Applications نىڭ 2-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە بولغان سانلىق مەلۇماتلىرىدىن، IE6 نى قوغداپ تۇرۇۋاتقانلارنىڭ جايلىشىش سېخىمىسىنى سىزىپ چىقتى. بۇنىڭدا جۇڭگودىكى IE6 تور ئەھلى پۈتۈن دۇنيا IE6 تور ئەھلىنىڭ %34.5 نى ئىگىلەيدىكەن.

ھەممىسى...

خەتكۈچ: IE6

تۈرى: خەۋەرلەر | مۇقىم ئۇلىنىش | باھا: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلىشى: 975
    LinuxQuestions.org نىڭ تېزىملاتقان ئەزاسى 2010-يىلىدىكى ئوچۇق كودلۇق سېستىما ۋە پروگراممىلاردىكى مەشھۇرلارنى باھالاپ چىقتى. بۇنىڭ ئىچىدە بىزگە ئەڭ تونۇش بولغان Wordpress مۇ بار. تۆۋەندىكىسى بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئوچۇق كودلۇق پروگراممىلارنىڭ تېزىملىكى:
Server Distribution of the Year(服务器) - Debian (29.35%)
Desktop Distribution of the Year(桌面系统) - Ubuntu (28.56%)
Security/Forensic/Rescue Distribution of the Year(系统恢复盘) - BackTrack (36.87%)
Mobile Distribution of the Year(手机操作系统) - Android (76.82%)

ھەممىسى...

خەتكۈچ: LQ ئوچۇق

تۈرى: خەۋەرلەر | مۇقىم ئۇلىنىش | باھا: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلىشى: 920
    بۇ TinyCore ئەترىتى تەرىپىدىن ئېچىلغان دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئۈستەل يۈزى(كۈرۈنمىلىك) مەشغۇلات سېستىمىسى. سېغىمى: 10.5MB Live CD، قاچىلاش ھاجەتسىز، قوزغىلىش سۈرئىتى ئىنتايىن تىز، خەلقئارالىق قوللاش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلگەن. گەرچە بۇ مۇكەممەل بىر ئۈستەل يۈزى پروگراممىسى بولمىسىمۇ ھەمدە بارلىق قاتتىق دېتاللارنىڭ ھەممىسىنى قوللاپ كەتمىسىمۇ، بىراق ئۇ سىم ئارقىلىق تورغا چىقىدىغان ئۈستەل پروگراممىسىنى قوزغىتالايدىغان ئىچكى يادرونى ئۆزىدە ھازىرلىغان. ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن، توردىكى ئامباردىن ئۆزلىرىگە لازىملىق قاتتىق دېتال پروگراممىلىرىنى ياكى كېڭەيتىش پروگراممىلىرىنى چۈشۈرسە بولىدۇ.چۈشۈرۋېلىڭ


ھەممىسى...

خەتكۈچ: Linux Tiny

تۈرى: چۈشۈرۈش | مۇقىم ئۇلىنىش | باھا: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلىشى: 1160